سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالتايدىكى ج خ چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىدە ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: ۋەتىمىزنىڭ غەربتىكى چېگراسىدىكى شىنجاڭ ئالتاي چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ جېنىمەي چوڭ ئەترىتىدە 6-سېنتەبىر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كونا ئەسكەرلەر ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ، ئىسسىق ياشلىرى ئارقىلىق بىر قانچە يىل بىللە ياشىغان، مەشىق قىلغان، خىزمەت قىلغان سەپداشلىرى بىلەن خوشلاشتى. شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاممىمۇ گازارمىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى. خوشلاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 80 ياشتىن ئاشقان مومايلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان تاقيا (باش كىيىم) نى كىيدۈرۈپ قويدى، ھەمدە ئۆزلىرى ياققان نان، قۇرۇتقان قۇرۇت قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئۇلارغا يوللۇق قىلىپ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوشقان شەخسىيەتسىز تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365946991