سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى7 ئايدىكى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 20 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.19 ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    7–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭنىڭ شۇ ئايلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن يەرلىكتىكى 774 دۆلەت كارخانىسى ۋە دۆلەت پېيىنى كونترول قىلغان كارخانا (تۆۋەندە ‹‹دۆلەت كارخانىسى››دېيىلىدۇ)نىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 20 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.19 ئاشتى.

    7–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 20 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 821 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن %24.19 ئاشتى؛ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 689 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 548 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن %25.81 ئاشتى؛ ئىگىدارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتى ئومۇمىي سوممىسى 330 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 273 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن %20.91 ئاشتى؛ مۈلۈك–قەرز نىسبىتى %67.58 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %66.71 دىن 0.87 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، مۈلۈك كۆلىمى كېڭەيدى.

    تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى جەھەتتە: 7–ئاينىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 94 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 63 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن %48.50 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت خىمىيە ساھەسىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن 1.23 ھەسسە ئاشتى؛ خىمىيە سانائىتى ساھەسىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 28 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 14 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن 0.97 ھەسسە ئاشتى؛ رەڭلىك مېتال ساھەسىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 5 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن 1.16 ھەسسە ئاشتى، 2016–يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاساسلىق ساھەلەردىن تېببىي دورىگەرلىك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ كېمىيىش نىسبىتى بىر ئۈلۈشتىن چوڭ بولدى.

    پايدا ئومۇمىي سوممىسى جەھەتتە 7–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى (پايدا–زىيان بالانىس قىلىنغاندىن كېيىن) 40 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.6 ئاشتى. ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 29 ساھە ئىچىدە رەڭلىك مېتال، تېببىي دورىگەرلىك، نېفىت–خىمىيە، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ئۆي–زېمىن قۇرۇلۇشى، قاتناش، سودا، تاشقى ئىقتىساد، ساياھەتچىلىك، مۇلازىمەتچىلىك، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت ۋە باشقا كارخانا قاتارلىق 15 ساھە پايدا ياراتقان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن بازار ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تۈرتكىسى، نېفىت–خىمىيە سانائىتى قاتارلىق قىسمەن ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان؛ قىسمەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇۋېتىپ، كۆلەم ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقتىن، بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ مارگىنال ئۈنۈمى ۋە پايدا نىسبىتى ئاشقان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365946981