سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى تۈزەش، ياخشى بەرپا قىلىش، ياخشى قوغداش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

    يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى تۈزەش، ياخشى بەرپا قىلىش، ياخشى قوغداش كېرەك

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ 9–ئاينىڭ 5–كۈنىدىن 7–كۈنىگىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىسمەن ناھىيەلەردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز، ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن، شۇڭا يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى تۈزەش، ياخشى بەرپا قىلىش، ياخشى قوغداش كېرەك.

    لى جياشياڭ 9–ئاينىڭ 5–كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار باشقۇرۇش رايونىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياڭاق ئۈلگە بازىسى ۋە ئاقسۇ ‹‹گومەنتاڭ›› مېۋىچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ چىلانلىقىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جياشياڭ نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مېۋىلىك دەرەخ تىكىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەنى قوغداشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قېزىپ، خەلققە مۇھىتنى ئاسراش ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    لى جياشياڭ شۇ كۈنى ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچپو تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خۇڭچپو دېھقانچىلىق مەيدانى 3–تارماق مەيدانىدىكى 9-ئەترەتكە كېلىپ، ئامما ئەرز قىلغان چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى قىغىدىن بۇلغىنىشنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرگەن ۋە تۈزەتكەن. ھازىر بۇ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتى بېجىرىپ بولۇنغان بولۇپ، تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىر–تەلەپلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن.

    لى جياشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامما ئىنكاس قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشى، ھەر بىر ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇلۇشى كېرەك، مۇھىت ئاسراشتا كىچىك ئىش يوق، مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    باغراش كۆلى دۆلىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى، 2016–يىلى 13–بەش يىللىق دۆلەت مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەخسۇس مىراسلىرى مۇندەرىجىسىگە، يەنە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. لى جياشياڭ 9–ئاينىڭ 6–كۈنى باغراش كۆلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا بولسا بولسۇنكى، مۇھىتنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

    لى جياشياڭ كورلا ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا شىنجاڭ ‹‹ماركور›› خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىمىيە سانائىتى بۇلغىنىشىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كارخانىلار مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە شەكىلۋازلىق قىلماي، تەلەپنى كەم–كوتسىز ئورۇنداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    لى جياشياڭ 9–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدىكى ئورگانىك چىلان ئۈلگە رايونى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۈلگە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، بىراق قۇم دېڭىزىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا جۈرئىتىمىز، قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىرادىمىز بولۇشى كېرەك. قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    لى جياشياڭ 9–ئاينىڭ 7–كۈنى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مەزكۇر كەنتنىڭ چىلانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خەلققە مۇھىت ئاسراش ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، يېشىل تاغ–دەريالىرىمىز ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ چۈنلىن تەكشۈرۈشكە ھەمراھ بولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365946951