سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئىنستىتۇتى(تۆۋەندە قىسقارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى دېيىلىدۇ) نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 9–ئاينىڭ 7–كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا مالىيە مىنىستىرى شياۋ جيې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى تاكېخىكو ناكائو، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى (CAREC) مېخانىزمىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سۈن بويا ئايرىم–ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى. مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى شى ياۋبىن قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى مېخانىزمىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    شياۋ جيې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنى پىلانلاپ قۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق رايونى ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە پىلانلاش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

    شياۋ جيې مۇنداق تەكىتلىدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا ئىش بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق تەرەققىيات ھەمراھلىرىنىڭ ئورتاق كېڭەشكەنلىكى، ئورتاق قۇرغانلىقى، ئورتاق بەھرىلەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مەۋقەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىدىكى كۈچلۈك كاتالىزاتورغا ئايلىنىشى؛ ئىچكى قىسىم بىلەن تاشقى قىسىمنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى؛ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم ئىلىم سۇپىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

    شياۋ جيې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنى مەبلەغ ۋە ئەقىلىي كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنى پىلانلاپ قۇرۇش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

    شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىراقتىن كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنى قارشى ئالدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بايلىق ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا–ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن–تېخنىكا مەركىزى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆپ ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭغا رەسمىي ماكانلىشىشى شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى، تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئەقلىي ياردەمگە ئىگە قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان ئالاقە كۆزنىكى، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئەقىل–پاراسەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئىلگىرىكىدەكلا ئىنستىتۇتنى ئەتراپلىق قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنى ياخشى قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئىناق راۋاجلىنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىدۇ.

    تاكېخىكو ناكائو مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى مېخانىزمى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى رايون ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئورتاق ئارزۇغا ئىگە، جۇڭگو بىلەن سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك تۈرلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ تەتقىقات، بىلىم ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىكى سەردارغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئافغانىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى ئەقىل ئەھمەد ھاكىمى، پاكىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دال، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد–سودا مىنىستىرى نېمەتۇللا ھېكمەتۇلزادە، ئۆزبېكىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى باقىر خوجايىۋ قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلاشقانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ راۋاجلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم سۇپىسىغا ئايلىنىشىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى مېخانىزمىغا ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات ئىكەن، ئۇ بىلىم مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، تەتقىقات ۋە ئەقىل ئامبىرى ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇشۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىشتابى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365946901