سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چېن چۈەنگو ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى تاكېخىكو ناكائو بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 9–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى تاكېخىكو ناكائو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، تاكېخىكو ناكائونىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، كۈچەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەۋزەللىكى روشەن گەۋدىلەندى، يوشۇرۇن كۈچى زورايدى، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، كەسىپ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    تاكېخىكو ناكائو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بېكىتكەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا رايونىدىكى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ قوللايدۇ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلىرىنى داۋاملىق پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، مۇتەللىپ قاسىم، ۋەن خەيچۈەن، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365946881