سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 7–كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 7–كۈنى كېلىشكىنى بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو–گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ. مەن يېقىندا گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋە 20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ھامبۇرگ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە زۇڭلى خانىم بىلەن جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. جۇڭگو–گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئاللىبۇرۇن ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە قول تۇتۇشۇپ داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

    مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 7–ئايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ گېرمانىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد–سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.

    ئىككى دۆلەت رەھبىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى، شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. پاكىت قايتا–قايتا ئىسپاتلىدىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىشى لازىم.

    مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي ئۇسۇل ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش يولىغا قايتىشىنى قوللايدۇ.گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى بالدۇرراق تېپىشنى خالايدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365946751