سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش» ئارقىلىق ئاقتۇ چارۋىچىلىرىنىڭ بېيىش يولى كېڭەيدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئاقتۇ ناھىيەسى 2015-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە «ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش، يۈز ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش» تۈرىنى يولغا قويغان ئىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ تۈر ناھىيە بويىچە 15 يېزا-بازارغا كېڭەيتىلىپ، بۇ تۈرگە كىرگۈزۈلگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بولغان مەبلەغ، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، چارۋا ماللار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چارۋىچىلار ئىشلەمچىلەر، قول ھۈنەرۋەنچىلەرگە قوشۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قاراپ ماڭدى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 50 تىن ئارتۇق باقمىچىلىق كەسپىي كوپىراتىپى «ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش» تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇلار 5000دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920241