سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاچچان بازىرىدا ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر 1 مىليون 409 مىڭ 600 يۈەن كىرىم قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    بۇ يىل چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. بىر ئەمگەكچى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش 2-شىسى 37-تۈەنىگە بېرىپ ئىشلىسە كۈنىگە 15 يۈەن، باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشلىسە 10 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. سىرتتا ئىشلەشكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇلارنى تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇپ تەربىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن يىل بېشىدىن ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە ئاچچان بازىرى بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئېشىنچا ئەمگەكچى 127 نەپەرگە يەتتى، ئۇلار ياراتقان ئومۇمىي كىرىم 1 مىليون 409 مىڭ 600 يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 99 يۈەن بولدى.

    ئاچچان بازىرى ئاچچان كەنتىدىكى نامرات ئائىلىدىن قەھرىمان مۆمىن بۇ بازاردىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمنى ئاشۇرغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئاۋغۇستقىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، بازارلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگىنىگە 1800 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920231