سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    6-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى غەربىي ۋوگزال بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۆمۈريول غەربىي باغچىسىدا 10 دىن ئارتۇق ئىشچى قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە خىزمەتچى پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچەۋاتاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇ يىل تەۋەلىكىدە 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياساشنى پىلانلىغان.

    قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۆمۈريول غەربىي باغچىسى پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.8 كىلومېتىر بولۇپ، باغچىدىكى ئايلانما شەكىللىك پىيادىلەر يولى ئىكەن. ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى چوڭ - كىچىك يېشىل جىلغا، خېلەن تېغى قاتارلىق جايلاردا 26.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياساشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇقلۇقتا پىيادىلەر يولى ياسايدىكەن. يىل ئاخىرىغىچە، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. قۇرۇلۇش 20-سېنتەبىر تاماملىنىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920211