سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

7-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    مۇخبىرنىڭ 6-سېنتەبىر ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار قۇرۇلۇشقا ماسلىشىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى يۆتكەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، 9-، 11-، 14-، 18-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 7-سېنتەبىر سائەت 10:00 دىن 8-سېنتەبىر سائەت 10:00 غىچە پىڭچۈەن يولى، چۇمتاغ يولى، قىبلىتاغ يولى، مۇھىت ئاسراش يولى قاتارلىق لىنىيەلەردە سۇ توختايدىكەن، ۋېيتەي جەنۇبىي يولى، سۈنئىي ھەمراھ يولىنى بويلىغان لىنىيەلەردە سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

    11-سېنتەبىر سائەت 10:00 دىن 12-سېنتەبىر سائەت 10:00 غىچە شىمالىي شەھەر غول لىنىيەسىدە ۋە نۇرلۇق يولىدا سۇ توختايدىكەن.

    14-سېنتەبىر سائەت 10:00 دىن 15-سېنتەبىر 22:00 غىچە ئايدىڭكۆل يولى، غەربىي سۇجۇ يولىنى بويلىغان بۆلەك رايونىدا سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

    18-سېنتەبىر سائەت 10:00 دىن 19-سېنتەبىر سائەت 10:00 غىچە، رېلىسلىق قاتناش 2-لىنىيەسى خۇمدانلىق بېكىتى بىلەن رېلىسلىق قاتناش 3-نومۇرلۇق لىنىيەسى جۇجياڭ يولى بېكىتىدىكى تۇرۇبا لىنىيەسىدە سۇ توختىتىپ تۇرۇبا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىنىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا 1-ماي شەرقىي جەنۇب يولى، خوتەن كوچىسى، باغچا جەنۇبىي كوچىسى، كېرىيە كوچىسى، خېيلۇڭجياڭ يولىنى بويلىغان لىنىيەلەردە سۇ ئىشلىتىش تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، چيەنتاڭجياڭ يولى، خۇاڭخې يولى، چاڭجياڭ يولى، ياڭزىجياڭ يولىنى بويلىغان رايونلاردا سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920201