سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 300 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق يولۇچى توشۇدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    مۇخبىرنىڭ 6-سېنتەبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 2481 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 331 مىڭ 460 ئادەم (قېتىم) يولۇچى ئۇزاتقان. نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكىدىن %0.56 ئازايغان، ئەمما ئۇزىتىلغان يولۇچى %0.17 ئاشقان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت شىنجاڭدا مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تازا پىشقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن يولۇچىلار دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىغان. سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئەڭ جانلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى يەنىلا قايناق ھالەتتە ئىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920161