سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەد كۆتۈردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    6-سېنتەبىر، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشىپ ھەر قايسى ئىدارە - ئورۇنلار ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈن. قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرىمۇ بۇ كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بالىلار سەكرەپ-تاقلىغىنىچە يەسلىگە كىرىپ كەلدى. ئاتا-ئانىلار يەسلىلەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ماختاشتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

    بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان 4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. بۇ يەسلىلەر يېزا-كەنتلەردە پورەكلەپ ئېچىلىپ، رايونىمىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپىغا ئىلھام بەخش ئەتتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئۈچ يىل يەسلىدە بولغان بالا 1 مىليون 128 مىڭ 100 گە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» مائارىپىغا مۇستەھكەم ئۇل سېلىندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920141