سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە كۈزگى بۇغدايلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇل شادلىقىغا تولدى.

   5-سېنتەبىر، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ خونۇقاي يېزىسى قارسۇ كەنتىدە ئورما باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى 700 مىڭ مو كۆلەمگە تېرىلغان بۇغدايلاردىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇغدايلارنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 400 كىلوگىرامغا يېتىدىكەن. 

 موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇپرىقى ئاساسلىقى ئەلا سۈپەتلىك قارا كالىتسىي تۇپراق بولۇپ، كۈزگى بۇغداي، قىچا، ئارپا، بەرەڭگە قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلباغ تاغلىق رايونى بولغاچقا يېرىم قۇرغاق، يېرىم نەم سوغۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە، شۇڭا بۇغداي تېرىش ۋە ئورۇش شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا كېچىكىپ باشلىنىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920111