سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 6000 كىلومېتىرغا يېقىن يېزا تاشيولى پۈتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    25-ئاۋغۇستقىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق يېزا تاشيوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 4 مىليارد 320 مىليون يۈەن ئاجراتتى، 5955 كىلومېتىر يول پۈتۈپ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق يېزا تاشيوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ %59.55ى تاماملاندى. 

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش تەرەققىيات نىشانى 2020 ـ يىلىغا بارغاندا ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇش، ھەممە يېزا يولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش، بارلىق كەنت يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 30 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، يېڭى ئۆزگەرتىپ ياسالغان ۋە داۋاملاشتۇرۇپ ياسالغان تاشيول مۇساپىسى 1500 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىنىڭ باياشات ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچەرۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى، شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان ۋە داۋاملاشتۇرۇپ ياسالغان تاشيول 11 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كەنت دەرىجىلىك يول قۇرۇلۇشىدىن 1600ى پۈتۈپ، 40 يېزا(بازار)، 300 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يول شارائىتى ياخشىلانغان، 1 مىليون 50 مىڭ دېھقان-چارۋىچى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920101