سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئايال ساھىل ۋالىبولى ماھىرلىرىمىزدىن ۋېن شۇخۇي بىلەن شيا شىنيى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى مۇسابىقىسىدە 21 دە 19 ۋە 21 دە 17 نومۇر بىلەن سەنشى ماھىرلىرىنى 2 دە 0 قىلىپ يېڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

    مەملىكەت بويىچە ئەر – ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە 24تىن كوماندا قاتناشقان بۇ مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئەرلەر كوماندىسىدىن بىرى، ئاياللار كوماندىسىدىن ئىككىسى قاتناشقانىدى. بۇ ماھىرلىرىمىز ئىچىدە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېن شۇخۇي بىلەن شيا شىنيىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئاياللارA كوماندىسىنىڭ سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارالغانىدى. دېگەندەك، بۇ ئىككى ماھىرىمىز گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىسىدە سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچراشقان رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسىنى 2 دە 0 قىلىپ يېڭىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ئەپسۇسكى، 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كۈچلۈك رەقىبى، فۇجيەن – شەندۇڭ بىرلەشمە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشكەن دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىدىن شۆ چىن ۋە ما يۇەنيۇەن بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇچرىشىپ قېلىپ، نورمال سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرالماي، 2 دە 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش قەدىمى توسۇلۇپ قالدى. ئەمما ئۇلار 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مىس مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىدىن چىن چۈنشيا ۋە ۋېي ياۋچېندىن تەشكىللەنگەن سەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ، شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە بىر قىممەتلىك مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

    ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 5 ئالتۇن، 7كۈمۈش، 12 مىس مېدالغا ئېرىشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920091