سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چېلىشچىمىز ئالىمجان ئابدۇرېشىت كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    چېلىشچىمىز ئالىمجان ئابدۇرېشىت 9 –ئاينىڭ 5 –كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 98 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭلىق چېلىشچى ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى جەڭگىۋار روھىي قىياپىتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

    بۇ كۈنكى مۇسابىقىدە 22 ياشلىق ماھىرىمىز ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالمۇرات دالاۋباينى 6 دە 1 نومۇر بىلەن يەڭگەندىن كېيىن، خېنەن ماھىرى شى ۋېنخاۋ بىلەن بولغان 2 – مەيدان مۇسابىقىدە 5 تە 0 نومۇر بىلەن ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا قىلچە بوشاشماي، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 30 نەچچە سېكۇنت قالغاندا چىرايلىق ھۇجۇم بىلەن رەقىبىنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ، ئىككى مۈرىسىنى بىراقلا يەرگە تەگكۈزۈپ، ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا قىيقاس – چۇقان چىقىرىۋەتتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تېخىمۇ جانلىنىپ، مۇسابىقە باشلىنىپ 1 مېنۇتقا بارمايلا شەندۇڭ ماھىرى مىڭ لىڭجېنى يەنە ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، 2016 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 – لىككە ئېرىشكەن 30 ياشلىق شەندۇڭ ماھىرى شياۋدى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى. چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رەقىبى شياۋدى كۈچ، تەجرىبە جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، ئالىمجان ئابدۇرېشىت خېلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ، 1 دە 7 نومۇر بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ، ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئالتۇن مېدالنى بوينىغا ئېسىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 130 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، شىنجاڭ بىلەن ئازادلىق ئارمىيە بىللە تەربىيەلىگەن ماھىر مۇراتبېك چايسۇلتان مىس مېدالغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسى تولۇق ئاياغلاشتى. 5 ئېغىرلىق ئايرىمىسى بويىچە 5 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بۇ تۈردە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 7 ماھىر 4 ئېغىرلىق ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 1 ئالتۇن، 2 كۈمۈش، 2 مىس مېدالغا، 1 ماھىرىمىز 5 – لىككە ئېرىشىپ، قەدىمچە چېلىشىش مەيدانىدا چاقنىغان ‹‹نۇرلۇق چولپان››غا ئايلىنىپ، شىنجاڭ چېلىشچىلىرىنىڭ شان – شۆھرىتىنى قايتا نامايان قىلدى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365920031