سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى قېيۇم توختى

    مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، بۇ يىل 80 ياشقا كىردىم. مەن يېزىدىكى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە ھەر مىللەت يولداشلارنىڭ ياردىمىدە، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن كومپارتىيە ئەزاسىغا ئايلاندىم.

    مەن ئۇلۇغ ۋەتەننى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيىمەن، مەيلى قەيەرگە باراي ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دەيمەنكى: مەن جۇڭگولۇق، ۋەتىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ئىپتىخارلىنىمەن، مەن بۈگۈنكى كۈنۈمنىڭ پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن، ھەر مىللەت يولداشلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.

    يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرنىڭ خاس روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىزھار قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزگە ئۈلگە بولدى، مەن ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، پارتىيە، خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    مەن پېنسىيەگە چىققىنىمغا 20 يىل بولغان 80 ياشلىق ياشانغان ئادەم بولساممۇ، ۋەتەننى، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش ئىرادەم پېنسىيەگە چىقمىدى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. «ئۈچ خىل كۈچ» پارتىيەگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى زەھەر، ھەرىكىتى ئەكسىيەتچىل، مەقسىتى رەزىل، بىز ئۇلارنى قەتئىي پاش قىلىپ، ئۇلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلار كىشىلەر ئالدىدا چىرايلىق سۆزلەپ، ئارقىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى، بىز ئۇلارنى ئوخشاشلا قەتئىي پاش قىلىشىمىز، ئۇلارغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

    مەن مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي يەردە قويمايمەن، پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەگە كىرگەندە پارتىيە بايرىقى ئالدىدا بەرگەن قەسىمىمنى ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىم ۋە قوشنا- قولۇملارنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىمەن. مەن دائىم پەرزەنتلىرىم ۋە ئۆزۈمگە مۇنداق دەيمەن: ئادەمنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر كەمچىلىكى بولىدۇ، بىراق پىرىنسىپ مەسىلىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «تۆتتە تەۋرەنمەسلىك»نى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولغاچقا، گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك يېڭى جۇڭگو، شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ كەلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2- ئورۇنغا ئۆتتى، ئارمىيەمىز قۇدرەت تاپتى، خەلقئارادا ئورنىمىز مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، شۇڭا ئۇلۇغ پارتىيەمىزنى قىزغىن سۆيمەسلىككە باھانىمىز يوق.

    ئىككىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ غەرىزى يامان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەختىيار، تىنچ تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ قايسى بىر مىللەتنىڭ شىنجاڭى ئەمەس، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈر بولغاندا ھاياتىمىزنى قۇربان قىلىشتىن يانماسلىقىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا تېپىپ چىققان بىردىنبىر توغرا يول، بۇ يولدا مېڭىشتا قەتئىي ئىككىلىنىشكە ۋە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، جەزمەن تەۋرەنمەي داۋاملىق مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدا ئىتتىپاقلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ پارتىيەمىز نۇرغۇن كادىرنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈردى، ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدىن بىر تۈركۈم دۆلەت رەھبەرلىرى، ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى، قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، شۇنداقلا ئالىم، يازغۇچى، مۇتەخەسسىس، دىپلومات قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقتى، مېنىڭ قىزىم دەل پارتىيە ۋە دۆلەت يېتىشتۈرگەن دىپلومات، بۇنى كونا جەمئىيەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن پارتىيەگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ۋەتەنگە رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن چىن ئىخلاسىم بىلەن خىزمەت قىلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانچىلىق بېجىنى، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، نامرات ئامما تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىدىن بەھرىلەندى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىقلار يولغا قويۇلدى، ئەگەر بۇلارنى ئۇنتۇپ قالساق، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئادەم بولۇپ قالىمىز. پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان بىز ئۇيغۇر كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ بىزنى كۆپ يىللاردىن بېرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، پارتىيەنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى قەتئىي يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

    مەن پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، مېنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. بۇ يەردە شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن؛ ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئائىلە ئەزالىرىمنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىشىغا ئۈلگە بولىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىدىغان قىلىمەن. ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمنى قەتئىي جارى قىلدۇرۇپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بايرىقىم تېخىمۇ روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى پاش قىلىمەن. مەن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن- ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تونۇش مۈجمەل بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىككە باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن!

    پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، بىرىنچى سالاھىيىتىم كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىم پارتىيە ئۈچۈن ئىشلەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

    پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلىمەن. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت دېگەننى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365920001