سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مىللەتلەر ئەدەبىي مەجمۇئەسى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى دىلمۇرات تەلئەت

    ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسى. ئۇزاق تارىخىي جەرياندا بىز باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدۇق. ۋاھالەنكى، ئارىمىزدىكى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشى ۋە زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پايدىلىنىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى، بەزىلەر ھازىرمۇ يەنىلا ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتمەي، ھەتتا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتىدۇ ياكى مەقسەتلىك شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ ھەم غەزەپلەندۈرىدۇ، كىشىنى ئويغا سالىدۇ، بۇ بىزنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىقىمىزنى قوزغىشى كېرەك.

    مەنمۇ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتىمەن. سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، مەن ئويلىنىۋاتقان مەسىلىلەر دەل بىز ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمىسە، ئۇنىڭ بەدىنىدە چوقۇم مەسىلە بولغان بولىدۇ، چوڭ مېڭىسىمۇ سەگەك بولمايدۇ. ئەگەر بىر مىللەت ھەمىشە نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈۋەرسە ياكى دۇنياغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشنى خالىمىسا، كۆزىنى يوغان ئاچمىسا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلانمىسا، ئۇنداقتا بۇ مىللەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بولامدۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاشلا ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك، ئاق كۆڭۈل، ئاددىي- ساددا، ئۆگىنىشكە ماھىر، ئىجادچان، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدىغان مىللەت؛ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۇيغۇرلار قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، مول ھەم رەڭدار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى يامرىتىپ، كىشىلەرنى ھەدەپ كۈشكۈرتتى، قۇتراتتى، ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى يۇيۇۋەتتى. ئەسەبىي ئىدىيە تۈپەيلىدىن بەزى كىشىلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، غالجىرلاشتى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەھدىت يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە زىيان سېلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەلرايىغا بېقىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان «بىرىكمە مۇشت»نى ئېتىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»ئىدىيەسىنىڭ غايەت زور زىيىنىنى ئېنىق تونۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، خاتىرجەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى قوغدىدى.

    لېكىن ئەڭ قورقۇنچلۇقى شۇكى، بەزى كىشىلەر يەنىلا خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانمايۋاتىدۇ، ئۇلار بىر دىنىي مۇرىتنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەت پۇقراسى ئىكەنلىكى، دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكى، ئاندىن دىنىي مۇرىت بولىدىغانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن يول قويغان دائىرىدە قانۇنلۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇلار ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرەلمىدى، ئۆز ئورنىنى توغرا تاپالمىدى، سالاھىيىتىنى بىلەلمىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ھەزەر ئەيلەيدىغىنىمىز «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. ھازىر بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە قايتىدىن تېخىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە، ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا نادان، قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسى قاتمال، پۇت- قولى چۈشەلگەن، ئىشەنچىسى يوق، سەمىمىي ئەمەس، نەزەر دائىرىسى تار، تار كوچىغا كىرىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت- قولىنى ئۆزى چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە بىمەنىلىك. بىز ئۆزىمىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.

    شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار ئۇرۇشنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتىدۇ، بۇ دۆلەت ۋە رايوندىكى خەلقنىڭ يۇرت- ماكانى خارابىگە ئايلىنىپ، كۈندە قان تۆكۈلۈپ، بىگۇناھ ئاددىي پۇقرالار ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا جېنىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ۋەتىنىمىز كۈندىن- كۈنگە قۇدرەت تېپىپ، خەلقىمىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھازىر ئارىمىزدا يېمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلىدىغان كىم بار؟ دۆلەت بىزگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىۋاتىدۇ، پۈتۈن خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بار، بالىلىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، سەپەرگە چىقساق دىنامىكىلىق پويىز ۋە ئايروپىلان بار، يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتى كۈندىن- كۈنگە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، پۇت- قولىمىز ساق، كاللىمىز سەگەك بولىدىغانلا بولسا، ئازراقلا ئەجىر سىڭدۈرسەك،گۈلدەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، جەننەت دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ! بىز بۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى!

    تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلىم- پەننى قەدىرلەپ، غايە ئۈچۈن تىرىشىپ، ئېچىۋېتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىز قايسى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، قايسى دۆلەتنىڭ ئاپەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، دىن بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ناھايىتى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ھەم زامانىۋى ئىلىم- پەن بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتلا دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالايدۇ، دەۋر تەرەققىياتىدا شاللىنىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ھەقىقەتەن قايتىدىن ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، يەنە مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى كۆرەلەيدىغانلا بولساق، ئاندىن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تېخىمۇ ياخشى كۈرەش قىلالايمىز، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنالايمىز، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىكنى، ئاقىللىق بىلەن ئەسەبىيلىكنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيمىز.

    سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قېرىنداشلار، بىزنىڭ شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىمىز بار، ئىنسانىيەت تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقانمىز؛ بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئاقىللىرىمىز ۋە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىز، پەيلاسوپلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز ۋە تېببىي ئالىملىرىمىز بولغان، بىزمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىمىز. گەرچە بىزمۇ ئىلگىرى تارىختا نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن بىز تارىخنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىدىغانلا بولساق، بۇ جاپا- مۇشەققەتلەرنىڭ نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكتىن بولغانلىقىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز. پۈتۈن دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ دادىل ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، بىز پائال تىرىشىپ، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە ئەمگىكىمىز ئارقىلىق گۈزەل يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان جاسارەت بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ قورساق روھىي ھالىتىمىز بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان ھەقىقىي قەيسەر قوغدىغۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇنەۋۋەر ئۈلگىلەردىن بولىدىغانلا بولساق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365919951