سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھەقىقىي دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى- مىللىي تېبابىتى، دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم يۈسۈپ

    ئۆتكەن 5 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئېچىپ تاشلاپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ياخشى قىلىش، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى ۋە ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. يېقىندا مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى قايتا ئوقۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ ۋە ئويلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ مىللىي مۇناپىق، دۆلەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تارىخنىڭ جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى كۈچەيتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايون باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيە، تونۇش، قەدەم، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى تۇتقا، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلدى.

    لېكىن بىزنى ئۆكۈندۈرىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا «ئۈچ خىل كۈچ»دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، ئاممىنى ئازدۇرۇپ، ھەدەپ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىزنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. كادىرلار قوشۇنىدا پەيدا بولغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخىمۇ يىرگىنىشلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس، ئۇلار كىشىلەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدۇ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنى ناھايىتى زور. پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپەم قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان دۈشمەنلەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغىدەك جاي، پاناھلانغۇدەك ماكان قالدۇرمايمەن. مەن تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە، ئۆگىنىشكە ئاتلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت نەتىجەم بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، باش نىشاننى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.

    ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاۋۋال ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، سۆز- ھەرىكىتىمنى توغرىلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئىچى- تېشىمنى بىردەك قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي ئىرادەمنى ساقلاپ، سىياسىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سىياسىي خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

    ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىكى ئالدىدا چوقۇم غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، قانۇن ئېڭىم، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ماھىيىتى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلايمەن. «تور بوشلۇقى قانۇندىن مۇستەسنا ئەمەس، ھەرقانداق كىشىنىڭ توردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىشىغا بولمايدۇ» دېگەن ئاساسىي تەلەپنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سۆز- ھەرىكىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چۈشۈرمەيمەن، ساقلىمايمەن، كۆرمەيمەن، ئاڭلىمايمەن، تارقاتمايمەن، مەسىلە بايقىسام، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا پاش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان بوشلۇق، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغىدەك جاي قويمايمەن.

    ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن، بۇ ئىس- تۈتەكسىز جەڭگاھتا «ھاماقەت ئادەم»، «ئەركىن ئادەم»، «مۇناسىۋەتسىز ئادەم»بولمايمەن. بىز چوقۇم ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ھەقىقىي ئىش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىنى قوغداپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365919931