سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھىندىستاندا بۇلتۇر قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 150 مىڭدىن ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    شىنخۇا تورى، يېڭى دېھلى، 6-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 6-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا 2016-يىلى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار 151 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ سان 2015-يىلىدىكىدىن %3 كۆپ ئىكەن.

    ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ھىندىستاننىڭ 2016-يىللىق قاتناش ھادىسىسىگە ئائىت دوكلاتى» دا ئېيتىلىشىچە، بۇلتۇر قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2015 - يىلىدىكىدىن جىق بولسىمۇ، يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى 2015 - يىلىدىكىدىن %4.1 ئازايغان، بۇلتۇر جەمئىي 481 مىڭ قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، 491 مىڭ ئادەم قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغان.

    دوكلاتتا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2016-يىلى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان %46 كىشى 18 ياشتىن 35 ياشقىچە ئىكەن، %37 قاتناش ھادىسىسى يول ئېغىزلىرىدا يۈز بەرگەن. ئىككى چاقلىق قاتناش قورالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %34.8 كە يېتىپ، تۆت چاقلىق قاتناش قورالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدىن % 17.9 يۇقىرى بولغان. ئىككى چاقلىق قاتناش قورالىدا قازا قىلغان 52 مىڭ 500 كىشى ئىچىدە %19.3 ئادەم بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەن.

    دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2016-يىلى ھىندىستاندا ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى 55 مىڭ 900 بولۇپ، بارلىق يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ %11.6 ى ۋە كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ %15.2 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365918451