سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يولداش ياۋ يىلىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: يولداش ياۋ يىلىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 6-سېنتەبىر بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917931