سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىزنىڭ ئىككى تۈرلۈك مېيىپلەر تولۇقلىما سىياسىتىدىن 10 مىليون ئادەم مەنپەئەتلەندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 6-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 6-سېنتەبىر ئېلان قىلىشىچە، مەملىكىتىمىزنىڭ مېيىپلەر تۇرمۇشىغا دائىر تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلەر پەرۋىش تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك سىياسەت ئاساسەن بارلىق ناھىيە، رايونلارنى قاپلىغان بولۇپ، ئىككى تولۇقلىما تۈزۈمىدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلار 10 مىليون 310 مىڭ ۋە 10 مىليون 730 مىڭغا يەتكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلار پەرۋىش تولۇقلىما تۈزۈمىگە دائىر ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتى» نى تارقاتقان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش تولۇقلىما ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، 22 ئۆلكە ئېيىغا 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە، 10 ئۆلكە ئېيىغا 100 يۈەندىن تولۇقلىما تارقاتقان. پەرۋىش تولۇقلىما ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، 18 ئۆلكە ئېيىغا 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە، 14 ئۆلكە ئېيىغا 100 يۈەن تولۇقلىما تارقاتقان، ئۇنىڭدىن باشقا، 11 ئۆلكىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما ئوبيېكتى مۇقىم كىرىمى يوق، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىلىرى، ئىشسىزلار، بىر ئائىلىدە كۆپ مېيىپ بارلار پەرۋىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىلىنىدىغان دائىرىگە كىرگۈزگەن. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر تۇمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر دەرىجىدە مېيىپلەر پەرۋىش تولۇقلىما تۈزۈمىدىن بەھرىلىنىدىغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون 310 مىڭ ۋە 10 مىليون 730 مىڭغا يېتىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917911