سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 24–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 3–كۈنى سائەت 21 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 24–تۈركۈمدە 93 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 75 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 17 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    9–ئاينىڭ 3–كۈنى سائەت 23كىچە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 76 پارچە ئەرزىيەت خېتى تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 76 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 41 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %53.9 ىنى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %9.2ىنى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 6 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %7.9ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، تۇرپان شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچىدىن ئىكەن. يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بىڭتۈەن 4–شىسىنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە چېتىلىدىغان ‹‹رۈيشياڭ كوكسلاشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئىلى ئالاھىدە كۆمۈر–خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى چىقارغان چاڭ–توزان كۆپ، سەھەر سائەت 1دىن سائەت 2گىچە سېسىق گاز قويۇپ بېرىدۇ، زاۋۇت ئەتراپىغا كېرەكسىز داشقاللارنى تۆكىدۇ›› دېگەن مەسىلە ئىنكاس قىلىنغان 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى بار ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %23.1، %21.2، %17.3ىنى ئىگىلىگەن؛ چاڭ–توزان، بۇس، سۇ، باشقا تۈردىكى بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىسى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %11.5، %10.6، %6.7، %5.8، %3.8ىنى ئىگىلىگەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 3–كۈنى سائەت 21گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 24 تۈركۈمدە جەمئىي 1927 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 1547 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 364 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 16 پارچە ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917901