سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 25–تۈركۈمدىكى 104پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى سائەت 22 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 25–تۈركۈمدىكى 104 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 86 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 17 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    9–ئاينىڭ 4–كۈنى سائەت 22 گىچە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 87 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھەممىسى تەرتىپ بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 87 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 35 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %40.7ىنى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %14.0ىنى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 8 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ % 9.3ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 1 پارچە بولۇپ، يەنە 1 پارچىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بىڭتۈەن 7–شىسى بىرلىكتە بېجىرىدىغان ‹‹كۈيتۈن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى پاختا پىششىقلاش زاۋۇتى پاختا پىششىقلاش پەسلىدە چىقارغان چاڭ–توزان بىر قەدەر كۆپ بولۇش›› مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت خېتىگە چېتىلىدۇ. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، چاڭ–توزان، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %9 .22، %17.8، % 1 .16 ، %1 .16ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، سۇ، بۇس، ئېكولوگىيە ۋە باشقا تۈردىكى بۇلغىنىش مەسىلىلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا %9.3، %9.3، %9 .5 ۋە %2.5نى ئىگىلەيدۇ.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپسى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى سائەت 22 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 25 تۈركۈمدە جەمئىي 2031 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 1633 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 381 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 17 پارچە ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917891