سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 17 –تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ 67 پارچىسى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 6–كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 17–تۈركۈمدىكى 71 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 67 پارچىسى بېجىرىلىپ بولۇنغان.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 17–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 67 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 36 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 7 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 5 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 3 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 24 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 16 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 15 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغان 9 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 8 پارچە، سۇ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە ۋە باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن–تۆۋەنگىچە مەسىلىنى پائال تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئۆزىنى قاچۇرماي، قانات ئاستىغا ئالماي، يېتەرسىزلىكنى يوشۇرماي، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېجىرىشكە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 17 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1021 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 957 پارچىسى بېجىرىپ بولۇنغان، بۇنىڭ ئىچىدە راستلىقى دەلىللەنگىنى 879 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 78 پارچە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 750، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 248 بولۇپ، جەرىمانە ئومۇمىي سوممىسى 23 مىليون 816 مىڭ 900 يۈەنگە يەتكەن؛ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن، 17 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، 93 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 536 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتى (http//:www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917801