سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 9–ئاينىڭ 13–كۈنى ئېچىلىدۇ

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 9–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 57–قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 9–ئاينىڭ 13–كۈنىدىن 14–كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ‹‹باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شەھەر–بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ؛ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ يولغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەۋزەل رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەممەيلەن قاتنىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەر قايسى ھالقىلارنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ 2018–يىللىق مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، تولۇپ–تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى، ياخشى روھىي قىياپەت، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، خىزمەتلەرنى بىرمۇ بىر ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ، بىر–بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 19–قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، بادەي، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917771