سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    لى چياڭ، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

    جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى چياڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 9–ئاينىڭ 4–كۈنىدىن 6–كۈنىگىچە شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايون 9–ئاينىڭ 4–كۈنى چۈشتىن كېيىن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككىدە باشلامچى بولۇش››، ‹‹بەشتە يېڭى پەللىگە يۈكسىلىش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا ئىلمىي، ھەقىقىي، سىجىل ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاشنى يېتەكچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا، تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا، كادىرلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، كەسىپتە، خەلق تۇرمۇشىدا، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلاردا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا، جياڭسۇ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

    لى چياڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەچكە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ قىياپىتى كۈندىن–كۈنگە يېڭىلاندى. ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ۋەزىپە ۋە تەلەپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى، ياخشى ئىستىلى ۋە ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەپەككۇرىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خىزمەت نەتىجىسى ۋە ياردەم بېرىش ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز. بىز نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەقىقىي سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سالمىقىنى زورايتىشقا كۈچەيمىز؛ كۈچنى يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپلەر رايونىنى ئورتاق قۇرۇشنى ھەم كارخانىلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇستەھكەملەيمىز؛ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈستۈنلۈكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى قاتلامغا كۆتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

    لى پېڭشىن بىلەن سۈن جىنلۇڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، ئاتۇش شەھەرلىك كۇنشەن كىچىك، مىكرو كەسپلەر رايونى، ‹‹لىماسىنو›› پايپاقچىلىق چەكلىك شىركىتى، قورغاس شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش يۇرتى، ‹‹خۇڭدۇ›› كىيىم–كېچەك چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، بىڭتۈەن 4–شى 61–تۈەننىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى شاپتۇللۇق مەھەللىسى، غۇلجا شەھەرلىك مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى، غۇلجا ناھىيەلىك ئائىلە توقۇمىچىلىقى، كىيىم–كېچەك كەسىپلىرى رايونى، نەنتۇڭ تەجرىبە مەكتىپى قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ھەم جياڭسۇ–قىزىلسۇ، جياڭسۇ–ئىلى، جياڭسۇ–بىڭتۈەن 4–شى، 7–شى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى. نەنجىڭ شەھىرى، جېنجياڭ شەھىرى، ياڭجۇ شەھىرى، نەنتۇڭ شەھىرى، يەنچېڭ شەھىرى، ۋۇشى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا غۇلجا شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، كۈنەس ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، قورغاس شەھىرىگە بېرىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇردى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لى شياۋمىن، فەن جىنلۇڭ، جۇ نەيشياڭ، جاڭ جىڭخۇا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، جاۋ چۇڭجيۇ، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365917531