سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يوپۇغا ناھىيەسى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مەدەت بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    يوپۇغا ناھىيەسى 29-ئاۋغۇست 2017-يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ياكى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان 40 تىن ئارتۇق كىشىنى جەمئىي 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىما ياردەم پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ۋە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز مەبلىغى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقىغا مەدەت بەردى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365891041