سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو يىپەك يولى 26-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسىدە پىچان ناھىيەسى 15 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    جۇڭگو يىپەك يولى 26-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 5-سېنتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

    بۇ نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدە پىچان ناھىيەسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، پىچان ناھىيەسى بۇ قېتىمقى ئۈزۈم سەيلىسىدە ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كارخانىلار بىلەن نېفىت-خىمىيە سانائىتى كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، جابدۇقچىلىق كەسپى، ھاراق ئېچىتىش ۋە ساياھەت-مەدەنىيەت كەسپىگە چېتىلىدىغان 15 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 12 مىليارد 77 مىليون يۈەنگە يەتكەن، شۇنداقلا تۇرپان شەھىرىدىكى ئىككى ناھىيە، بىر رايون ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365891031