سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، تومۇز ئىسسىق بارا-بارا ئازىيىپ، 5-سېنتەبىر شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا30 دىن يۇقىرى بولدى. مۇشۇ ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بولۇتلۇق بولىدىكەن. ھۆل يېغىن ئاز بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنىلا ئۈرۈمچىدە كۆرۈلمەيدىكەن، بىراق ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە تېمپېراتۇرا ئازراق چۈشۈشى مۇمكىنكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن بەرگەن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-، 7-سېنتەبىر كۈنلىرى تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، كۈندۈزدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا30 ئەتراپىدا بولىدىكەن. جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا 27 قا چۈشىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890891