سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي مەيدان يەرئاستى بوشلۇقىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    ئالتە ئايلىق جىددىي قۇرۇلۇشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي مەيدان ستېرېئولۇق ئالمىشىدىغان يەر ئاستى بوشلۇقىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى پۈتتى. ھازىر شەھەر مەمۇرىيتىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە ئۆيى، ماي قاچىلاش، گاز قاچىلاش پونكىتلىرى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملاش مۆلچەرلەندى.

    مۇخبىر 30-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي مەيدانىدا قۇرۇلۇش كۆلىمى 105 مىڭ 100 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان يەرئاستى بوشلۇق مودېلىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، 100 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ يەر يۈزىدىكى يولدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىنى كۆردى.

    جەنۇبىي مەيدان يەر ئاستى تۈر بۆلۈمىدىكى تېخنىكا مەسئۇلى ليۇ گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەر ئاستى بوشلۇقنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىدا قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يەر يۈزىگە قاراماي ياتقۇزۇلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ قۇرۇلۇش 30-ئۆكتەبىر تاماملىنىدىكەن، ئاندىن مەيداننى كۆكەرتىش، يورۇتۇش ۋە ئاسفالىتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىنىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890881