سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىن 820 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ساياھەتچىلەر كۆپ بولدى. بۇ مەزگىلدە جەمئىي 820 مىڭ 200  يولۇچى(قېتىم) ئۇزىتىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئىبارەت ئىككى بېكەت بىر كۈندە ئۇزاتقان يولۇچى تارىختىكى ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، غۇلجا بېكىتى بىر كۈندە ئۇزاتقان يولۇچى 10 مىڭ ئادەم (قېتىم) لىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى.

    مۇخبىرنىڭ 5-سېنتەبىر ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان.

    ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن 1-سېنتەبىر يولغا چىققانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە ئىككى بېكەت ئۇزاتقان يولۇچى 67 مىڭ 316 ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.4 كۆپ بولغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890811