سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چەۋەندازلىرىمىز كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چەۋەندازلىق تۈرىدىكى ئارغىماق ئۇسسۇلى كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە لەن چاۋ، ليۇ تاۋ، ليۇ جۇڭ، جاڭ خۇڭجاۋ قاتارلىق چەۋەندازلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ كوماندىسى كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

    شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇ تۈرىدىكى كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بويىچە چېمپىيونى بولغاچقا، ئۈستۈنلۈكى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىدى. دېگەندەك، چەۋەندازلىرىمىز دەسلەپتە سەۋىيەسىنى نورمال جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىگىچە ئىزچىل 1 – ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا مەيدانغا چىققان پېشقەدەم ماھىرىمىز لەن چاۋنىڭ نورمال سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى، ئەكسىچە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى ئاخىرىدا مەيدانغا چىققان ئىككى ماھىرنىڭ ئويلىمىغان يەردىن پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سەۋىيە بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان 27 ماھىر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 2.457 نومۇرلۇق پەرق بىلەن ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئالتۇن مېدالنى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890791