سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

     قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتتىقۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ياكى ئۆز ئارا ھەمراھ بولۇشۇپ ساياھەتكە چىقىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى.

    ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

    ئۈرۈمچى يۇقىرىقى تاغ مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 42 كىلومېتىر بولۇپ، مەركىزىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى. 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 11 دە مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالدى ئائىلە ئاپتوموبىلى ۋە ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىدىن بىر تۇتاش بىلەت سېتىۋېلىپ، مەخسۇس ئارىلىق ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ‹‹بىلۇڭۋەن›› مەنزىرە نۇقتىسىدىكى ھەيۋەتلىك شارقىراتما ئالدىدا ساياھەتچىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە ئىدى. شەھەر ئاھالىسى خۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىرلىق ئىپتىدائىي ئورمانلىق، ھەيۋەتلىك شارقىراتما مەنزىرىسى، گۈزەل جىلغا ئوتلاقلىرى، زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن.

    تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى فۇ سۇنلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەت بېسىق مەزگىلى بولۇپ، مەنزىرە رايونىمىز كۈنىگە ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30دەك ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالماقتا، ساياھەت ئۆمىكىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ ئاشتى. مەنزىرە رايونىمىز قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ 1 – كۈنىدىلا 4000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، 5كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشىمىز مۇمكىن.

    چۈش سائەت 15 تە يۇقىرىقى تاغ ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى ميېرگۇ كەنتىدىكى 002 – نومۇرلۇق ‹‹ئالتۇن ياپراق›› يۇقىرىقى تاغ ئارامگاھىغا كەلگىنىمىزدە، دەرۋازا ئالدىغا 7 –8 ئاپتوموبىلنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق، ئارامگاھنىڭ كاۋاپچىسى ما يۈەن ئالدىراش كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان بولۇپ، كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا مېھمانلار تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ھەممە جاي خۇشال – خۇراملىققا چۆمگەنىدى. ما يۈەن مۇنداق دېدى: ئارامگاھنى ئاچقىلى 3 يىلدىن ئاشتى، ئاساسلىقى يەرلىك يەلقازان شورپىسى، گۆش نان، چوڭ تەخسىلىك يەرلىك توخۇ قورۇمىسى قاتارلىق ئالاھىدە تائاملارنى چىقىرىمىز، بىرلا ۋاقىتتا 50تىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالالايمىز. مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساياھەتچىلەر ئادەتتىكى كۈنلەردىن 4 – 5ھەسسە كۆپىيىپ كېتىدۇ.

    يېشىللىققا پۈركەنگەن، گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان.... ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى 2 – قارارىدىكى كۆك جىلغا (شياۋلۈگۇ) باغچىسىنىڭ سىزىپ قويغاندەك گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغانىدى. بۇ ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 380 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سۇ مەنزىرىسى، ئۆسۈملۈكلەر، پىيادىلەر يولى، مەنزىرە كارىدورى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى سائەت 18 دە كۆك جىلغا باغچىسىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ سۇڭلىن مۇنداق دېدى: تاغ باغرىدىكى دەرەخلەر ۋە گۈللەر، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ ۋە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى كىشىگە ھەقىقەتەن ھۇزۇر بېرىدىكەن. كۆك جىلغا باغچىسى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ، خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا كېلەلمىگەنىدىم. بۇ قېتىم قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلغاچ، ئارام ئالدۇق.

    ئاقسۇنىڭ كۈزلۈك ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى

    9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئاقسۇ دولان دەرياسىنىڭ 2 – قارار سۇ پەردىلىك غارى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بەزىلەر مەنزىرىنى تاماشا قىلسا، بەزىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى، بەزىلەر كۈلكە – چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە بايرام خۇشاللىقى جىلۋىلىنەتتى. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى باشقىچە قىزىپ كەتكەنىدى. ئاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن ئارزۇگۈل تۇنىياز مۇنداق دېدى: دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنىڭ قۇرۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ يەرگە ئاتا – ئانام بىلەن تۇنجى قېتىم كېلىشىم. بىر ئائىلە كىشىلىرى تەڭ ساياھەت قىلساق بەك ياخشى بولىدىكەن.

    ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى چۈكەي مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە دوستلىرىم بىلەن ئاۋاتتىكى دولان قەبىلىسى، ئونسۇدىكى تۆمۈر چوڭ جىلغىسى، ئۇچتۇرپاندىكى جىغانلىق سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق جايلارغا باردۇق. بارغانلىكى يەردە ئادەم كۆپ ئىكەن، ئادەم كۆپ بولسا، ھېيت كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىكەن.

    ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ئەنۋەر سېيىت مۇنداق دېدى: بۇ پەسىلدە ھاۋا ياخشى، سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلسەك كەيپىياتىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن.

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى كۈنسېرى ئاشقان بولۇپ، يەرلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.

    جىمىساردا ساياھەتچىلەر ‹‹ساياھەت خۇمارى››دىن چىقتى

    جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىندى يېزىسى شياۋفىنزى كەنتىدىكى ‹‹ئارامبەخش ئارامگاھى›› كېڭەيتىپ قۇرغان ‹‹قوتان مەيخانىسى››نىڭ سەيياھلار ئارىسىدا خېلى نامى بار. بۇ كەنت چىپارساي مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولغاچقا، ‹‹بۇلۇت تامان گۈلزارلىق، رەسىم كارىدورى شىندى›› دەپ تەرىپلىنىدۇ. ‹‹ئارامبەخش ئارامگاھى››نىڭ خوجايىنى لى ۋېنفېن مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، رەسساملار بۇ يەرگە يىغىلىشقا ئامراق، 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىلا تىجارەت سوممىمىز 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، 2 بالىمىزنىمۇ سەھرا ئارامگاھى تىجارىتىمىزگە تايىنىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتۇق.

    ئەۋزەل ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە جىمىسار ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ئەكرەمجان ھېمىت مۇنداق دېدى: بۇ يەر ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، قاڭقىللار قەدىمىي يولىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋالدىم، ئاندىن ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹گۇخەي›› ئارشىڭى، مىڭئۆي، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا باردىم، بۇ مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى يېرىم باھا ياكى ھەقسىز بولۇپ، بەك كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلدىم.

    جىمىسار ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جىمىسار ناھىيەسنىڭ ساياھەت بازىرى تەرتىپلىك بولغان، قىسمەن ساياھەت رايونلىرىدا كۈتۈۋېلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، ساياھەتچىلەر سانىغا چەك قويۇلغان.

    ئارشاڭدا كىشىلەر ئارشاڭغا چۈشۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك  تائاملارغا ئېغىز تەگدى

    بۇ بىر قانچە كۈندە ئارشاڭ ناھىيە بازىرىدىكى كولگىن نۇر ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ باشقا يەردىن كەلگەن دوستىنى ئېلىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا باردى، ئارشاڭغا چۈشۈپ، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى ئايلاندى ھەم سوغۇق سۇ بېلىقى يېدى. ئۇنىڭ دوستى ئارشاڭ ناھىيەسىنى ياخشى جاي ئىكەن دەپ ماختاپ، كېلەر يىلى يازدا يەنە كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

    20 ياشلىق نۇرئەخمەت مەمەت قەشقەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىگە تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كېلىشى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىكەن، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەل ئىكەن. دوستلىرىم بىلەن ئارشاڭغىمۇ چۈشتۇق، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن.

    25 ياشلىق ۋاڭ خاۋيۈ ئائىلىسىدىكى 12 كىشىنى باشلاپ جىڭ ناھىيەسىدىن ئارشاڭ ناھىيەسىگە ساياھەتكە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىمۇ ياخشى ئىكەن. ئوخشىمىغان پەسىلدە، ئوخشىمىغان تۈسكە كىرىپ، كىشىگە روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدىكەن.

    شيامېندىن كەلگەن 20 ياشلىق زېڭ ۋېنچېڭنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەسى ياخشى ساقلىنىپتۇ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىمۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ. بۇ يەرنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن.

    ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ‹‹سەنچۈەن يۈدۇ›› يۇيۇنۇش مەركىزىدە ئارشاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، يۇيۇنۇش مەركىزىنىڭ خادىمى رۇڭ نا مۇنداق دېدى: كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800چە كىشى ئارشاڭغا چۈشكىلى كېلىدۇ، كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 1500 كىشىدىن ئاشىدۇ.

    ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىدە ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى چوڭ، كىچىك مېھمانخانىلار ساياھەتچىلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، مەنزىرە رايونىدا مېھمانخانىلار يېتىشمەي قالىدۇ. ئارشاڭ ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹نۈەنياڭياڭ›› ئاشخانىسىنىڭ ئاشپەزلەر باشلىقى ۋاڭ جىنچاڭ مۇنداق دېدى: كۈندە 700 – 800دىن كۆپرەك مېھمان كۈتىمىز، مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ يەرلىك كالا – قوي گۆشى، سوغۇق سۇ بېلىقى، يەرلىك توخۇسى ۋە ياۋا موگۇسى، قېرىنسىمان موگۇسى قاتارلىق يەرلىك قورۇمىلارنى بۇيرۇتىدۇ. ئارشاڭ ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹يايلاق›› مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا مېھمانساراينى قايتا زىننەتلىدۇق، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنىڭ 1 – كۈنى مېھمانخانا توشۇپ كەتتى، كۈندە ياتاقتا ياتقان مېھمانلار 200دىن ئاشتى.

    ئارشاڭ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا ئارشاڭ ناھىيەسىگە ساياھەتكە، ئېكىسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلار كۆپەيدى، بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر 50 مىڭغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 30 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890761