سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھېيتلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭ تۇزكۆل سەيلىگاھى كۈنىگە 5000دىن كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقتى، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى سەيلىگاھلار ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى، «شىنجاڭدىكى مالدىۋې» دەپ نام ئالغان تۇزكۆل مەنزىرە رايونى كۈنىگە 5000دىن كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

    مۇخبىرىمىز 4-سېنتەبىر سائەت 9لاردا بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىپ كېلىپ، سەيلىگاھقا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بېلەت سېتىۋېلىپ مەنزىرە رايونغا كىرگەندىن كېيىن بۇ يەرگە ساياھەتچىلەرنىڭ لىق تولغانلىقىنى، ئېھتىياجنى قامداپ بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    داۋانچىڭ تۇزكۆل سەيلىگاھى ئۈرۈمچىگە 72 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ جايدا تۇز كۆۋرۈك، تۇز تاغ قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، تۇز تېيىلىش، كۆلدە لەيلەش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى تۇزكۆل رايونىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسىدىكى ئۆزگىچە سەيلىگاھقا ئايلاندۇرغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890751