سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا 30 - ئاۋغۇست رەسمىي PPP قۇرۇلۇش تۈر كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ تۈر ئىچىدىكى تىزگىنلىنىدىغان قۇرۇلۇش تەڭرىتاغ غالبىيەت تونېلى بولۇپ، تونېلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىردىن، ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تونېل قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى بولۇپ قالىدۇ.

    30 - ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن G0711 تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ (G7) ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان ئىككى PPP قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى تۈرگە جەمئىي 90 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 200 مىليارد يۈنلىك قاتناش مەبلەغ ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىللىق بېرىش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە قىسقىرايدىكەن. بۇ تۈردە ئالتە يىل قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1300 كىلومېتىر كېلىدىكەن، بۇنىڭغا 70 مىليارد 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ PPP تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ قالىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890691