سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 4000 ئوقۇغۇچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار تەربىيەلەش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن، تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

    تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلەنگىلى بارىدىغانلار مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى، شىنجاڭغا كىرگەن چوڭ كارخانىلار ۋە تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 20 نەچچە تۈرلۈك كارخانىدىن بۇ ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن 6000 دىن كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلىغان.

    2015-يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 9561 ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم برىدىغان 19 ئۆلكە(شەھەر) جەمئىي 5897 ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىگەن. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890681