سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئافغانىستانلىق 21 بالا شىنجاڭدا ھەقسىز داۋالىنىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    30-ئاۋغۇست سائەت 18:00لەردە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 نەپەر ئافغانىستانلىق تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئارقىدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا ئۇلارغا ھەقسىز دىياگنوز قويۇلۇپ، ئۇلارنى ھەقسىز داۋالاش خىزمىتى باشلاندى.

    جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، باش كاتىپ سۈن شوپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى يىپەك يولى مېھرىبانلىق فوندى «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول›  ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانى»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ ئافغانىستانلىق 21 بالا مۇشۇ پىلان بويىچە ھەقسىز داۋالىنىشقا ئېلىپ كېلىنگەن بالىلار ئىكەن، بۇ پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 100 بالا قۇتقۇزىلىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890631