سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز چېلىشىش ساھەسىدىكىلەرنىڭ 34 يىللىق ‹‹ئالتۇن مېدال چۈشى›› رېئاللىققا ئايلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش ماھىرى تۆرباتۇر 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېلىشىش ساھەسىدىكىلەرنىڭ 34 يىللىق ‹‹ئالتۇن مېدال چۈشى››نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ھەسەنجان ئەيسا 85 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا، ئابدۇسەمى ھېكىم بىلەن ۋەلىقان سېرىك 85 كىلوگىراملىقلار ۋە 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، خەلقئاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسى مەيدانىدا ‹‹شىنجاڭ شامىلى›› چىقاردى.

    چېلىشىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى، بىراق ئاپتونوم رايونىمىز چېلىشچىلىرى 1983 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇيان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىپ باقمىغانىدى. نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 34 يىلدىن كېيىن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ چېلىشچىلىقىنىڭ شۆھرىتى قايتا نامايان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 5 ماھىر خەلقئاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرىگە قاتناشتى. 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆرباتۇر تۇنجى مەيداندا، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2016 – يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور، دەپ قارالغان سەنشى ماھىرى ۋاڭ لۇمىڭنى 6دە 5 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئالتۇن مېدال ئېلىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى تۈگەتتى، ئۇ بىراقلا جانلىنىپ، تيەنجىن ماھىرى باۋ لىرى، جياڭشى ماھىرى لى شۇجىننى ئارقا – ئارقىدىن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەنخۈي ماھىرى تيەن چىيې بىلەن ئۇچراشتى ھەم بۇ رەقىبىنىمۇ 6دە 1 زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قىممەتلىك ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

    شۇ كۈنى مەيدانغا چۈشكەن شىنجاڭلىق باشقا تۆت ماھىرنىڭ ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولدى. بولۇپمۇ 85 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن ياش ماھىرىمىز ھەسەنجان ئەيسا 11دە 4، 9دا 0 يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىچكى موڭغۇل ۋە پاراۋۇز تەنتەربىيە جەمئىيىتى ماھىرلىرىنى يەڭگەندىن كېيىن، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2دە 1 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، خېنەن ماھىرى جاۋ خەيجۈننى يەڭدى. گەرچە ئالتۇن مېدالنى تالىشىش جېڭىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2016 – يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شەنشى ماھىرى پېڭ فېيگە 2دە 5 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى چېلىشىش ماھارىتى ھەممەيلەننى تاڭ قالدۇردى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890621