سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رېئاللىقنى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07

     ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان 43 ياشلىق گۈي خۇڭ (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 11 دە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ 1 – قەۋىتىدىكى چوڭ زالغا قويۇلغان ئاپتوماتىك پىليۇنكا ئېلىش ماشىنىسىدا كۆرسەتمە بويىچە رېنتىگېن پىليۇنكىسى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئالدى.

    گۈي خۇڭ تەسۋىر تەكشۈرۈش نومۇرىنى سىكانېرلاش رايونىغا قويغانىدى ‹‹دىت›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تېرمىنال كۆرسەتكۈچىدە گۈي خۇڭنىڭ ئىسمى، پىليۇنكا ۋە دوكلات سانى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈندى، ئۇ مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، پىليۇنكا ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۈچ مىنۇتقا قالمايلا بېسىپ چىقاردى.

    ئاپتوماتىك پىليۇنكا ئېلىش ماشىنىسى تەسىس قىلىشنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئاغرىقلارغا قولايلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى دېيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىناسى، تاشقى كېسەللىكلەر بىناسى ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاش بىناسىنىڭ 1 – قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش كارتىسى بېجىرىش ۋە قىممەت تولۇقلاش، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاپتوماتىك بېسىپ چىقىرىش، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئاپتوماتىك ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كۆردۈم. بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنال سىستېمىسىدا ئامبۇلاتورىيەدە نومۇر ئېلىش، ئالدىن كېلىشىش، قىممەت تولۇقلاش، ھېسابات قىلىش (پۇل تاپشۇرۇش)، كېسەل كۆرسىتىش كارتىسى بېجىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بېجىرگىلى بولىدىكەن.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىنيا مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاغرىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئاغرىقلارنى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بىر جايدىلا بېجىرىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئاغرىقلارغا قولايلىق يارىتىلغان بۇنداق ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشلار كۆپ.

    مەن ئۇنىۋېرسال بىنادىكى قەۋەت كۆرسەتمە تاختىسىدا بىر – بىرىگە ئالاقىدار بۆلۈملەرنى ئاستى – ئۈستى قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ليۇ شىنيا مۇنداق دېدى: ئالاقىدار بۆلۈملەرنى ئاستى – ئۈستى قەۋەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندا دوختۇرلارنىڭ كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا قولاي بولۇپلا قالماستىن، ئاغرىقلارغىمۇ قولاي بولىدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرىكەت قىلىشتا قىينىلىدۇ، ئالاقىدار بۆلۈملەرنى ئاستى – ئۈستى قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

    بۇ دوختۇرخانا قەۋەتلەرنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، MTD كىلىنىكا كۆپ پەنلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. بۇ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى ئىچكى – تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەسۋىر ئىلمى ۋە تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان.

    ‹‹ئۆپكە ئوڭ قانىتىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەچكە، تەكشۈرۈشنى كۈتۈش›› ئۈچۈن كېسەلخانىغا ئېلىنغان ئاغرىق مۇ يۈەن (كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) دەل بۇ خىل ئەندىزىدىن بەھرىلەنگۈچىدۇر.

    مۇ يۈەن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ھەپتە بۇ يەردە كېسىلىمگە مەخسۇس كۆپ پەنلەر بويىچە ئۇنىۋېرسال كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇلدى، ھازىر كېسەللىك ئەھۋالىمدىن تولۇق خەۋەردار بولدۇم، شۇنداقلا كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم.

    ليۇ شىنيا مۇنداق دېدى: MTD ئەندىزىسىدە كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ھەمكارلىشىپ دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاغرىقلار ئەڭ قېلىپلاشقان داۋالاشقا ئېرىشتى، بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى خەلقئارالىق يۈزلىنىش.

    شىنجاڭ بويىچە، ھەتتا غەربىي شىمال بويىچە داڭلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرخانىسى بولغان بۇ دوختۇرخانىغا يىلدا نۇرغۇن ئاغرىق كېسەل كۆرسىتىشكە كېلىدۇ، ئىلگىرى نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇپ، ئاغرىقلارغا قولايسىز بولغان.

    بۇ دوختۇرخانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نومۇر ئېلىش كۆزنىكىدىن باشقا، تېلېفوندا، توردا، ئاپتوماتىك نومۇر ئېلىش ماشىنىسىدا ۋە ئۈندىداردا نومۇر ئېلىش ۋە مۇتەخەسسىس تاللاشتىن ئىبارەت كۆپ خىل نومۇر ئېلىش يوللىرىنى تەسىس قىلدى.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جېن مۇنداق دېدى: مۆلچەرەن ئىستاتىستىكا قىلىشىمىزچە، دوختۇرخانا تورى، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نومۇر ئالغان ئاغرىقلار ئومۇمىي نومۇر سانىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدىكەن.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنى ئاچسىڭىز، ‹‹بۇ جامائەت سۇپىسى سىزنى كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، كېسەللىك تارىخىنى كۆپەيتىش، مەسلىھەت بېرىش ۋە تېز يوللانما مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ››، دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرىسىز. جاڭ جېن مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون دەۋرىدە، داۋالاش مۇلازىمىتى ئورۇنلىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ئاغرىقلارنىڭ غېمىنى يەپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

    2017 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 13 تە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۇچۇر تورى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ چيەن ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن كەچ سائەت 22دە، دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشماسلىققا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق، بۈگۈن يېڭى سىستېمىدا مەشغۇلات قىلغان تۇنجى كۈن بولغاچقا، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرىمىز، ھەرقانداق سەۋەنلىك كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ.

    ئاغرىقلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇچۇرلاشقان ئۈسكۈنىلەر، دوختۇرخانا تورى ۋە ئۈندىدار قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيال ئاسراشنى ئاساسەن بۆلۈمىمىز ئۈستىگە ئالغان، مەسىلەن: ئاپتوماتىك پىليۇنكا ئېلىش ماشىنىسى دوختۇرخانىمىزنىڭ تەسۋىرىي سۈرەت دوكلاتى سىستېمىسىغا تايىنىدۇ، بىز تەكشۈرۈش بۆلۈمى ۋە ئاپتوماتىك پىليۇنكا ئېلىش ماشىنىسى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاغرىقلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىمىز. جاڭ چيەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا ئوخشاش سىستېمىدىن دوختۇرخانىمىزدا 40 نەچچىسى بار بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئېلېكتىرونلۇق كېسەللىك تارىخى، تەكشۈرۈش، ھەق ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ شىيەن مۇنداق دېدى: ئاغرىقلار ھاياتىنى دوختۇرخانىمىزغا ئامانەتكە تاپشۇرۇشقا كېلىدۇ، شۇڭا كەسپىي، ئىنچىكە ھەم سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشىمىز، ئاغرىقلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك!

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365890531