سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىن 1 مىليارد دانە تارقىتىلىپ، بىر ئادەمنىڭ قولىدا بىر كارتا بولۇش نىشانى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلتىمىز ھازىرغا قەدەر بېجىرگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى 1 مىلياردتىن ئاشقان بولۇپ، «13-بەش يىل» لىق پىلان مەزگىلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى %90 نوپۇسنى قاپلاپ، يېقىن كەلگۈسىدە بىر ئادەمدە بىر كارتا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلېكترونلۇق دوكۇمېنت، ئۇچۇر خاتىرىلەش، مۇلازىمەتچىسىز تەكشۈرۈش، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئاتچوت قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات تاپشۇرۇۋېلىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە چىقىمىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك ئىقتىدارنى مۇجەسسەملىگەن، كارتىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. نۆۋەتتە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى % 90 دىن ئارتۇق ۋىلايەت، شەھەردە داۋالاش چىقىمىنى كارتا بىلەن ئاتچوت قىلىش ئەمەلىيلەشكەن، ئۆلكە ئاتلاپ بالنىستىدا يېتىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365890351