سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئىلىم-پەن» ناملىق ئوكيان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پاراخوتى مىڭ ياشقا كىرگەن چوڭقۇر دېڭىز مارجىنىنى يىغدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

    5-سېنتەبىر، «ئىلىم-پەن» ناملىق ئوكيان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پاراخوتى سەنيادىكى بىر پورتتا قىرغاققا يېقىنلاشماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد «ئىلىم-پەن» ناملىق ئوكيان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پاراخوتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى مەخسۇس تۈرى بولغان «ئىسسىق بەلباغ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ماددىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» تېمىسىدىكى 2017-يىللىق كارولىن دېڭىز تېغىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى غەلبىلىك تاماملاپ، 5-سېنتەبىر خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىكى غايەت زور ۋە چوڭ تىپتىكى 170 نەچچە تۈردىكى سۇ ئاستى جانلىقلىرى ئەۋرىشكىسىدىن 400 ى يىغىۋېلىندى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، يىغىۋېلىنغان ئەۋرىشكىلەر ئىچىدە غايەت زور بىر مارجان خادا تېشى بار بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365890111