سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 13–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 62 پارچىسى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 2–كۈنىگە قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 13–تۈركۈمدىكى 71 پارچە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەت خېتىنىڭ 62 پارچىسى بېجىرىلىپ بولۇنغان.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 13–تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ 62 پارچىسى بېجىرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 32 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 3 پارچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچىدىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن؛ بۇنىڭدىن سىرت، قاراماي شەھىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي رايون ھالقىپ بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 1 پارچە. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 17 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 8 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، سۇ بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، باشقا تۈردىكىلەر 3 پارچە، ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە، ئېغىر مېتالغا چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايون مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 13 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 697 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 648 پارچىسى بېجىرىلىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 594 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 54 پارچە ئىكەن. تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگەن ھەم بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 594 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 521، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 192 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى 21 مىليون 210 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگىنى 1 پارچە بولغان، 14 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغان، 71 كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كېلىشىپ قويۇلغان، 457 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خېتىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365890091