سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قەشقەر، خوتەندىكى10 مىڭدىن كۆپ ئېشىنچا ئەمگەكچى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشچى بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

    يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېھقان–چارۋىچىلارنى ھازىرقى زامان ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇردى ھەم يېڭى ماكانغا ئىگە قىلدى

    دۆلەت كارخانىلىرى بۇ يىل ئىككى جايدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى

    مۇھەررىردىن: ئالتۇن كۈزدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تەقەززا بولۇپ كېلىۋاتقان زور خۇش خەۋەر تارقالدى ج ك پ 19–قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 2017–يىل 10–ئاينىڭ 18–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

    يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ئىلكىدە تۇرۇۋاتىمىز، يېڭىچە سەھىپە يېزىپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز كامىل. گېزىتىمىز تەسىس قىلغان ‹‹19–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى›› مەخسۇس ئىستونىدا بۈگۈندىن باشلاپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار تەدبىرلەر ۋە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى؛ جايلار، تارماقلارنىڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە پۇختا نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك جانلىق ئەمەلىيەتنى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جەسۇرانە ئىلگىرىلىشىدەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

    مۇخبىرنىڭ 9–ئاينىڭ 2–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 8–ئاينىڭ 23–كۈنىگە قەدەر، شىنجاڭدىكى 16 كارخانا ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 26 كارخانىسى خوتەن، قەشقەردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان 10 مىڭ 680 كىشىنى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىل قەشقەر، خوتەننىڭ شەھەر–يېزىلىرىدىكى 10 مىڭدىن كۆپ ئېشىنچا ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان.

    ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئۈچ يىلدا خوتەن، قەشقەردىن 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قەشقەر، خوتەننىڭ شەھەر–يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونغا تەۋە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرىغا 10 مىڭ 34 كىشىنى قوبۇل قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

    قەشقەر، خوتەننىڭ شەھەر–يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى، قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا تەۋە بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ‹‹باۋشەن›› پولات–تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات–تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت–تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەشكىلات، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەم ئادەم چىقىرىش–ئادەم قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، خادىم قوبۇل قىلىش، خادىم چىقىرىش، تەربىيەلەش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىلىشىپ، ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    كارخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر، خوتەندىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، يۈك–تاق ساندۇقىنى بىردەكلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك، تەشكىللىك توشۇدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار زاۋۇتقا كىرگەندىن كېيىن، كارخانىلار مىننەتدارلىق تەربىيەسى، قانۇن، دۆلەت تىلى، ماھارەت ئۆگىنىش ۋە ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› تەربىيەسى، ھەربىي مەشىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزلىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئەر–خوتۇن ئىشچىلارغا ئۆي، تازىلىق سايمانلىرى، كىتاب قاتارلىقلارنى تەل قىلىپ بەردى. يوقلىما قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش–جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا ئىشچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەردى، تەربىيەلەش مەزگىلىدە ئېيىغا 2000 يۈەندىن مائاش بەردى، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3000 يۈەنگە يەتتى.

    ‹‹بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ››. قەشقەر، خوتەندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىن كەلگەن، ئۇلارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىپ، ئۇزاققىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. كۆپلىگەن يېڭى ئىشچى–خىزمەتچىلەر مائاشىنى ئۆيىگە ئەۋەتتى، ئۇلار يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر، خوتەننىڭ شەھەر–يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلانغان، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %25 تىن %35كە ئۆستۈرۈلگەن. ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىشى جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە ئىككى جايدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھازىرقى ئەمگەك كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىپ ۋە تەييارلىق كۆرۈپ، ئۈچ يىللىق پىلان ھەم بېكىتىلگەن نىشان–ۋەزىپىنى سان، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قەرەلىدە ئورۇندايدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365889991