سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 16–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 81ى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 5–كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 16–تۈركۈمدىكى 86 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 81ى بېجىرىپ بولۇنغان.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 16–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 81 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 41 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 13 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 6 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ 4 پارچىدىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ 3 پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2 پارچىدىن، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى بىرلىشىپ بېجىرگىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 27 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 14 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 13 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، سۇ بۇلغىنىشقا چېتىلىدىغىنى 8 پارچە، باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ ئېنىقلاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ساھە خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك، مۇرەككەپ ۋە يىغىلىپ قالغان مۇھىت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەڭشەش، فۇنكسيەسىنى بېكىتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قائىدە–تۈزۈم ئورنىتىپ، تۈزىتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتقان.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 16 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 950 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 891ى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 815 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 76 پارچە ئىكەن. تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 689، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 236 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 23 مىليون 180 مىڭ 700 يۈەن بولغان؛ بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 17 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، 85 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 530 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365889891