سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-06

        جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ چى 9–ئاينىڭ 3–كۈنىدىن 5–كۈنىگىچە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن كۆرۈشۈشكە ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويدى، خىزمەت سالمىقى زور، تەدبىرلەر پۇختا، ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭغا ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى زورايتىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، باي، قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا، جياڭشى خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

    ليۇ چى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى ۋە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن تۇتىدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبىسى، ياخشى ئۇسۇلى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. جياڭشى ئۆلكىسى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ئەڭ بالدۇر نىشانلىق ياردەم بەرگەن 8 ئۆلكىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن–ئاخىر باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ قاراپ، ‹‹كادىر، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش››تىن ‹‹شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىش››كىچە، يەنە ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش››كىچە بولغان ياردەم بېرىش يولىدا مېڭىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەم ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. كېيىنكى قەدەمدە، مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 6–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قىلىش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بولۇشى، گۈللىنىشى، باي، قۇدرەتلىك بولۇشى، مەدەنىي تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

    ليۇ چى مۇنداق دېدى: جياڭشى ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، 20 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بىر–بىرىمىزنى زىچ باغلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى خەلقئارا بازارلارنى بىرلىكتە كېڭەيتىشىنى، ساياھەتچىلىكنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك سانائەت رايونى، جياڭشى ئېغىر سانائەت رايونى، بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ سۇ بېشى كەنتى ۋە جياڭشى يېڭى كەنتى، ‹‹شۆسۇڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى، خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاقتۇ ناھىيەسىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە جياڭشىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى.

    جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365889821