سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كەنتلەردە ياڭرىغان شادلىق ساداسى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    9- ئاينىڭ 1- كۈنى قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترەتلىرى تۈرلۈك شەكىلدە شۇ جايدىكى ئاممىدىن ھال سوراپ، ھېيتنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇشال ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، گۈزەل تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ھېيتنى مېھىر- مۇھەببەتكە تولدۇردى.

    تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈش

    9- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى يۇقارقى قاغاتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ساڭزا، نان، چاي، قەنت- گېزەك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى.

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سەمەر سالامنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيدىكى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن مېھمانخانا ئۆيدىكى داستىخاننى چۆرىدەپ، كۈلكە- چاقچاق بىلەن ئولتۇرغان ئىكەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ساھىبخاننىڭ تەكلىپى بىلەن داستىخانغا كېلىپ جايلاشتى.

    − ھېيت پەتىسى قىلىپ كېلىپ، ئائىلە يىغىلىشىڭلارغا تەسىر قىلىپ قويدۇق- ھە، − دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى لى شياۋمىڭ.

    − ئۇنداق دېمەڭ، بۇنى سىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغان. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۇ توخۇ گۆشى قوردىقىنى تەييارلىدۇق، سىلەرنىڭ تەجرىبىلىك يېتەكچىلىك قىلىشىڭلار ۋە خالىس ياردىمىڭلار بولىدىكەن، شۇنداق دەپ كاپالەت بېرىمەنكى، بۇ يىل چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، باقمىچىلىق فېرمىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن، شۇنداقلا كالا، كەپتەر بېقىپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ بېيىيمەن، − دېدى سەمەر سالام توخۇ پاچىقىنى لى شۇجىغا تەڭلىگىنىچە.

    بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن سەمەر سالامنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى. بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەزەلدىن توخۇ، ئۆردەك بېقىپ باقمىغان سەمەر سالام خىزمەت ئەترىتىگە ئەگىشىپ، ئورماندا باقمىچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى ھەم 22 نامرات ئائىلە بىلەن بىرلىشىپ، 310 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 100مو كۆلەمدىكى «ئورماندا قۇش تەنتەنىسى» چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

    گۈزەل تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش

    شۇ كۈنى تۇنجى چېگرا كەنتى، دەپ نامى بار ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتى بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. پۈتۈن كەنتتىكى قىرغىز چارۋىچى ئامما قوي سويۇپ، بوغۇرساق ۋە ساڭزا سېلىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى.

    مەيدان كەنتىدىكى ئابدېراي مۇسانىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن قىزىلسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ھېيتلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسىگە كەلدى، سۇپىدىكى ئۈستەلگە تۈرلۈك قۇرۇق يەل- يېمىش، قەنت- گېزەك، نان ۋە بوغۇرساقلار تىزىلغانىدى. بىردەمدىن كېيىن، مەززىلىك شورپا ،گۆش ئېلىپ چىقىلدى. كۆپچىلىك گۆش يېگەچ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا ئازادە پاراڭلاشتى.

    بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى زور بولدى، بۇنىڭ بىلەن مەيدان كەنتىنىڭ چېگرا قوغداش ئەترىتىمۇ زورايدى. چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ مائاشى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، ئايلىق مائاشى ئالدىنقى يىللاردىكى 800- 1000 يۈەندىن 2000- 2600 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلدى. ئابدېراي مۇسا بۇ يىل چېگرا قوغدىغۇچىلىققا تەيىنلەندى، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەنگە يېتىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

    ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەيدان كەنتىدىكى دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بۇنداق ياخشى سىياسەت ۋە تەمىناتنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز چوقۇم ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ياخشى قوغداپ، چېگرادىكى پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەيمىز.

    يېڭى پىلان توغرىسىدا سۆزلىشىش

    شۇ كۈنى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ چاغانتوڭگى يېزىسى تاسغار كەنتىدىكى قازاق چارۋىچى قاسىمنىڭ ئۆيىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇربان ھېيت تەبرىكلەندى. كۈلكە- چاقچاقلار ئارىسىدا، مېھمانخانىدىكى كاڭدا يانپاشلاپ ئولتۇرغان قاسىم ئۆيىگە ھېيتلاپ كەلگەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ئەزالىرى بىلەن بۇ يىللىق پىلانى توغرىسىدا پاراڭلاشقاچ، كەلگۈسى توغرىسىدا تەسەۋۋۇر قىلدى.

    بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن قاسىم كەپشەرلەش ھۈنىرى ئارقىلىق ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنى قامدايتتى، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى. قاسىم 2015- يىلى 10- ئايدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە پالەچ بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى خوتۇنى ۋە چوڭ قىزىغا يۈكلەندى.

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قاسىمنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇردى، ئۇنىڭغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ ھويلىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا رەڭلىك پولات تاختىدىن لەمپە ياساپ، ئاددىي چېنىقىش ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىپ، قاسىمنى سىرتلارغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشكە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. قاسىم بىر يىلدىن كۆپرەك سالامەتلىكنى ئەسلىگە

    كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش

    9- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ لىنلىن كەنتتىكى ئاكىسى چالقارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ باردى.

    ۋاڭ لىنلىن سىياسىي كېڭەش تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خىزمكەلتۈرۈش مەشىقى قىلغاندىن كېيىن، قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ۋە تويغانلىقىنى ھېس قىلالايدىغان، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ بىردەم ئولتۇرالايدىغان بولدى. قاسىمنىڭ كۈندە ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكى ۋەن لىجياڭ ئۇنىڭغا كومپيۇتېر، كىتاب قاتارلىق مەنىۋى ئوزۇقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى. قاسىم كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان بولدى.

    قاسىمنىڭ خوتۇنى باقىتگۈل بايىرقاننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق قۇربان ھېيت يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزگەن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ھېيت بولدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ، كەنت كادىرلىرىنىڭ بىزگە شۇنچە غەمخورلۇق قىلغىنىغا رەھمەت.ەت كومىتېتى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزىسى ئالتۇن ئېمىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بىرلەشمە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

    − چالقار ئاكا، سىز بىلەن يەڭگەمنى ھېيتلىق يوقلاپ كەلدىم، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ باياشات بولۇشىنى تىلەيمەن!

    − رەھمەت! رەھمەت! يەڭگىڭىز ئىككىمىز كەلگىنىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، يەنە سوۋغات ئېلىپ كەپسىز، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق، بۇنچە تۈزۈت قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ.

    چالقار ئائىلىسىنىڭ بۇ يىل زاراڭزا، بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ لىنلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، كەنتتە ئۆي قۇشلىرى ۋە سۈتنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، چالقار ئاكا، سىزنىڭمۇ ھويلا- ئاراندىن پايدىلىنىپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    چالقار مۇنداق دېدى: كۈزدە 2 ئىنەك سېتىۋالىمەن، كېلەر يىلى توخۇنى كۆپلەپ باقىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشىمىز جەزمەن كۈندىن- كۈنگە بەختكە تولىدۇ.

    كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە خۇشال ناخشا ئېيتىش

    8- ئاينىڭ 29- كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ ياقائېرىق بازىرى لەڭگەر كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدىن كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم باراڭلىق ئۇزۇن كارىدورغا يىغىلىپ، يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ ۋە لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ، شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھېيتنى خۇشال تەبرىكلىدى.

    لەڭگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئاسىگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى قۇربان ھېيت ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى مەن تۇغقانلىرىم ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مەدىنا قاناتبېك بىلەن بىللە ھېيت ئۆتكۈزدۈم، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.

    ياقائېرىق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. 2- يىللىق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلنەزەر مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا- ھەدىلەر بىزگە دائىم دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ، ئالدىنقى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرىدىكى ئەدەبىيات نەتىجەم ئەسلىدىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا- ھەدىلىرىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ھېيتتا ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتالمايدۇ، شۇڭا ئەڭ گۈزەل ئۇسسۇلۇمنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا- ھەدىلىرىمگە تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن!

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365849111