سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 3- كۈنى شيامېن «خەلقئارا» كۆرگەزمە مەركىزىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 3- سىنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 3- كۈنى شيامېن «خەلقئارا» كۆرگەزمە مەركىزىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

    چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەيدانغا كىردى. شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ 10 يىلدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارا سەھنىدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئىزدەندى. ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش، دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈش، ئورتاق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كېسەك ئالتۇن روھىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا 5 دۆلەت 10 يىل ھەمكارلىشىپ توپلىغان ئورتاق قىممەت قارىشى. ھازىر، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان يوشۇرۇن كۈچى ۋە يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 5 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆزىنى ئاساس قىلىپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، كونا- يېڭى ئېنېرگىيەنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان توسالغۇلارنى تازىلاپ، تۈزۈلمە جەھەتتىكى نامۇۋاپىق تۈزۈملەرنى تۈگىتىپ، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە بايلىق جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىدىغان قىممەت زەنجىرى ۋە چوڭ بازارنى يېتىلدۈرۈپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مېخانىزملاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ نوپۇزىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى مەزمۇنى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، ئالاقىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ئىككىنچى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىنى قوغداش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ب د ت نىزامنامىسىدىكى مىزان ۋە پىرىنسىپلار ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تۈپ قائىدىنى قوغدىشى، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغدىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى ياخشىلاش كېرەك. ئوچۇق تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن ئىلگىرىلەش بولىدۇ، كەڭ قورساق بولغاندىلا، ئاندىن سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتلىشىش، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېشىشىنى قوغداش ھەم ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈپ، قولايلىقلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ يېڭى قىممەت زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا 5 دۆلەت ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئورتاق نەپ ئېلىپ، پۇرسەتتىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمبەھرىلىنىپ، 5 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت يارىتىشى كېرەك. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قاراش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ ھەم ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان تۈزەش ئەندىزىسى ۋە قائىدىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىش تەقسىمات سىستېمىسى ۋە دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنى قايتىدىن ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئەندىزىسىدىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.

    تۆتىنچى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، كەڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق ھەمكارلىشىش قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب- شىمال سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ تەسىرى ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق تورى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زاتلارنى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى مېخانىزمى ئەمەلىي يولغا قويۇلغان 10 يىلنى جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تېز ئالغا باسقان 10 يىل دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان مۇرەككەپ مەزگىلگە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق. ئىسلاھات قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىدىغان ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئىجادىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەستىن تىنچ تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بۇ يىل 5- ئايدا ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئۇقۇمدىن ھەرىكەتكە، پىلاندىن ئەمەلىي يولغا قويۇشقا ئاتلىنىدىغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى جۇغراپىيەلىك سىياسىي قورال ئەمەس، بەلكى، ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى؛ ئۇ تاشقى ياردەم پىلانى ئەمەس، بەلكى، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەمبەھرىلىنىدىغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات تەشەببۇسى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان يېڭى پۇرسەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سودا- سانائەت ساھەسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسىي كۈچ. 10 يىلدىن بۇيان، سودا- سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىغا يۇغۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. سودا- سانائەت ساھەسىنىڭ ئۇچۇر، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىككىنچى 10 يىلنى كۈتۈۋالىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىمىز، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىمىز.

    بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىدىغان مۇھىم يۈرۈشلۈك پائالىيەت. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى 2017- يىل 9- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە شيامېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان تەرەپلەر «سودا ۋە سېلىنما، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆك ئىقتىساد» قاتارلىق 4 تېمىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە باشقا گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سودا جەمئىيەتلىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، داڭلىق كارخانىلار، ۋەكىللىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن كەلگەن سودا- سانائەت ساھەسىدىكى 1000 دەك زات ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۇچرىشىشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365849091