سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    ئاپتونوم رايوننىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر بولۇش، دەل بولۇش، ئەمەلىي بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ. بۇ قېتىم 5 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىدۇ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپە، مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، كونا- يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق 5 مەزمۇن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، ھۆكۈمەت پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتىكى زۆرۈر تەلەپ. بىز تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «ئۆتكۈر قورال»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار قايتا- قايتا تەكىتلىگەن، جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە، ئاپتونوم رايوننىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق نىشان- ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جايلار، تارماقلارنىڭ نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى «سېلىشتۇرۇپ»، «جەدۋەللەشتۈرۈپ»، «توساق»، «قىيىن نۇقتا»نى ۋاقتىدا بايقاپ، خىزمەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك. مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، نوچىلارغا تېگىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «توساق»لارنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، تىزىملىك تۈزۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىنى، يول خەرىتىسىنى تۈزۈشىگە ۋە مەسئۇل كىشىنى بېكىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە تۈرلۈك خىزمەت ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، جايلارنىڭ يۈكىنى قەتئىي ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوچۇق- ئاشكارا تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا كادىرلاردا بايقالغان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىق، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسىدە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى، ئاشكارىلىشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نىجات سۇلتان، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، ۋەن خەيچۈەن، بادەي قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365816531