سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-05

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى›› مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتىغا ئائىت چوڭ سىياسەت، فاڭجېن ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجىنىڭ سۆزى ماركسىزملىق ئىدىيەنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان سۆز بولۇپ، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە شىنجاڭ خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئۆگىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر››گە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاپ، بايراقنىڭ كۈچى، ئېتىقادنىڭ كۈچى، ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچى، ئۈلگىنىڭ كۈچى، ئەل قەلبىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ، مېڭىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ئۇلۇغ دەۋر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش نىشانغا يەتمىگۈچە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى سىياسىي پەزىلەتنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 –ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ئالدى بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، تەشكىلگە مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ نېگىزى ‹‹مۇتلەق›› دېگەن سۆزدە بولۇپ، ئۇ بىردىنبىر، ئۈزۈل – كېسىل، شەرتسىز، ساپ، ھېچقانداق تەركىب ئارىلاشمىغان سادىقلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە پارتىيە بايرىقىنى قوغدىغان سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ زېمىنىدا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغىچە بولغان زور بىر تۈركۈم ياخشى كادىرلار پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى كۈيلەپ، رەزىل كۈچلەرگە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىزىل گېنىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەنىۋى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈردى. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، مەسىلىلەرگە سىياسىي نۇقتىدىن قاراشقا ماھىر بولۇپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ يادروسىغا، پارتىيەنىڭ داھىيسىغا سادىق بولۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، دەپ بىلىپ، ئىدىيەدە ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىپ، قەتئىيلىك بىلەن قوغداپ، مۇتلەق سادىق بولۇپ، سادادا، قەدەمدە، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پەقەت بىرلا خىل تاللاش، بىرلا يول بارلىقىنى، يەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش ئابىستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېت بولىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون ماددىلىق بەلگىلىمە››سى ۋە يولداش چېن چۈەنگونىڭ ‹‹توققۇز خىل كىشى›› تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئىش ئورنىنى بازا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەتىگە قويماي، باسۇرۇپ قويماي، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، زىددىيەتلەر ئالدىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ دادىل ئىلگىرىلەپ، خەۋپ – خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەۋەنلىكلەر ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتقا قارشى قەتئىي دادىل كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمىزنى بېغىشلاپ، جان پىدالىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشقا كۈچەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئۆگىنىش، زەھەرنى تازىلاش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش›› مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىدىيەنى، تەشكىلنى، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا سىڭدۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنى، ئەتراپتىكى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ ۋە قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، ھەممە ئادەمنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان قىلىپ، قىزىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، باش نىشانغا يېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن نەزەرىيەنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاردا ‹‹بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن›› دەيدىغان ماقال بار. ھازىر شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ‹‹يول بەلگە››سى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، ئەڭ مۇھىم ‹‹بىلىم››ى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى. بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھازىر شىنجاڭدا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، بىز ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە بىر قاتار زور خىرىس، چوڭ – چوڭ خەتەر، توسالغۇ، زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىمىز. ‹‹بىر تال پېلەك تۆگىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ››. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىشقا ئۇرۇنۇش نەيرەڭلىرى، تۈرلۈك توسقۇنلۇق، بۇزغۇنچىلىقلىرى ئالدىدا ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن پارتىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرىدىن تەشنالىق بىلەن ئەقىل – پاراسەت، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە غەيرەت ئېلىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ۋە يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ بىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى باش نىشانغا ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈپ، تونۇشنى، قەدەمنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، ھەرىكەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشىمىز كېرەك. ئىشەنچنى تۇرغۇزۇپ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ‹‹ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا››نى ئىگىلەش، ‹‹بىر يۈرۈش مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇش، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹بىر نورمال ھالەت››نى ساقلاش، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى ياخشى قىلىش، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ‹‹ئۈچتە قەتئىي بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ‹‹بىرنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق››تا چىڭ تۇرۇش، ‹‹بىر ياخشى ۋەزىيەت›› يارىتىشتىن ئىبارەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹كۆۋرۈك›› بىلەن ‹‹پاراخوت››نىڭ مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەتتىكى پىرىنسىپچانلىق، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىجادچانلىقنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخ، ئەمەلىيەت ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تۈپ ئۆلچىمىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشقا، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىزدىكى مەقسەت فاڭجېن ۋە ئۇلۇغ پىلان تۈزۈشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەندىشە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش، خەتەرنى بىلىپ تىنچلىقنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. باش شۇجى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە خەۋپ – خەتەر بار، مۇقىملىق ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ؛ بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ چېگرا سىرتىدا ‹‹ئۇرۇق››ى، چېگرا ئىچىدە ‹‹تۇپراق››ى، توردا ‹‹بازار››ى بار، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، باش شۇجى بىزنى تەكرار ئاگاھلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكىگە قاراشتا، ئەڭ نېگىزلىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، دېگەن. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق مۇشت ئېتىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، رەزىللىكنى تەلتۆكۈس يوقاتقاچقا، مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، ھەر مىللەت ئامما بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، كۆڭلىدە بىلىپ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتسەك قەتئىي بولمايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئەندىشە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قايسى مىللەتتىن، قايسى ئورۇندا ئىشلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە خىرىس قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، زەربە بېرىشكە، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ ‹‹ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەش››ىگە، ‹‹ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا بولۇش››ىغا، ھەر قانداق كىشىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۈشىگە، ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە كۈچۈكلىنىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ‹‹ئاق قۇنىڭ قانىتى بولسا، قەھرىماننىڭ شەمشىرى بار››. بىزنىڭ شەمشىرىمىز خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسى قورالى، ‹‹تاشقى كېسەللىك ئوپېراتسىيەسى›› شەكلىدىكى دائىملىق تازىلاشتۇر، بىز ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيەۋى كۈرەش ئەڭگۈشتەرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت كۈچى››نى سىجىل ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى بالىلاردىن، دەرسلىكتىن باشلاپ تۇتۇپ، بالىلارغا ‹‹زەھەرلىك سۈت›› بەرمەسلىكىمىز، ھەرقايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى دۆلەت تىلى دەرسلىكىنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مىللىي – خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ يېتىش ۋە ئارىلىشىپ ئوقۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا دۆلەت ئەھۋالىنى بىلىدىغان، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەممەيلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئاممىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش، مىللەتنى تۇتقۇن قىلىش رەزىل مەقسىتىگە زەربە بېرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى يىمىرىلمەس ئىستىھكامغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

    تۆتىنچى، جان تومۇرنى قوغدايدىغان روشەن مەيداندا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى مۇھىم سۆزىدە پۈتۈن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. جۇڭگو ئارزۇسى ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈللىنىشى، روناق تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈشتەك ئورتاق ئارزۇسى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىرادىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، ھەر مىللەت خەلق بىردەممۇ ئايرىلسا بولمايدىغان ھاياتلىق جان تومۇرى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە قوغدىشىمىز كېرەك، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك ئورتاق قارىشىغا ئايلاندى. بەس – بەستە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە، كۆپچىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى، بولۇپمۇ ئەركىن ئىمىرباقى، ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق تۆت پېشقەدەم رەھبەر نەزەرىيەگە، كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن پارتىيەگە، ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەلگۈسى بەخت – سائادىتىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت؛ بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت، دېگەن چوڭقۇر قائىدىنى جانلىق شەرھلەپ، بىزنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇردى. ۋەتىنىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەت ئەلمىساقتىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ، يۇرت – ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، شانلىق مەدەنىيلىك يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى. تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ قولىغا يېتىپ كەلدى، بىز باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دائىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئايلىنىپ، دائىم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، بېرىش – كېلىش قىلىش داۋامىدا ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى ھەربىر بالىنىڭ قەلب ئېتىزىغا چېچىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدىغان، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ تومۇرىدىكى زەنجىرسىمان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گېنىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى پاكلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەر ئارقىلىق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئورتاق سۇغىرىپ، مەڭگۈ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    بەشىنچى، خەلققە مۇھەببەت باغلاشتەك ئالىيجاناب خىسلەتتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن كېمىنى ھەيدەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، غەلىبىلىك ھالدا شانلىق قىرغاققا چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى مۇنداق تەكرار تەكىتلىدى: ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ، ئامما ھەقىقىي قەھرىمان، دېگەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق كۆز قاراشنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئاممىنى سىياسىي سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ‹‹قورال›› قىلىپ، ئاممىنى ئالداش، ئازدۇرۇش، قۇترىتىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، بىزدىن بازىنى، ئاممىنى تالاشتى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ ››كە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلدى، بولۇپمۇ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامى، پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچ – قۇۋۋىتى خەلقتە، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالالىشى – قالالماسلىقى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئەل غېمىنى قىلغان ئەر بولۇر، ئەلدىن ئايرىلغان خار بولۇر›› دەيدىغان ماقال بار. پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئامما ئارىسىدىن كەلگەنلىكىمىزنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئوزۇق بېرىشى، تەشكىلنىڭ تەربىيەسى ۋە ئىشەنچىسى بولمىغان بولسا، بىز بۈگۈنكىدەك ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن بولاتتۇق، بۈگۈنكىدەك يۇرت – ماكانىمىزنى گۈللەندۈرىدىغان، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان پۇرسەت تېخىمۇ بولمىغان بولاتتى. مىننەتدارلىقنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمىز، ھەر مىللەت خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ كادىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئەلا بىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي باشلامچىسى ۋە تايانچىسى بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىشىمىز ۋە ئاممىغا خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك، مىللەتكە قاراپ ھەق – ناھەققە ھۆكۈم قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، نادانلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇۋېلىشتەك خاتا ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ئۆزىمىز مەسئۇل بولغان تارماقنىڭ روشەن سىياسىي پوزىتسىيەدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك. خىزمەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەركىم ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، ‹‹خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان 9 چوڭ قۇرۇلۇش››نى چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يوشۇرۇن كۈچنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قېزىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ياخشى ئوقۇيالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئامالنىڭ بارىچە كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئائىلىدە تىرىكچىلىك يولى بولۇش، ھەممە كىشىگە قىلىدىغان ئىش بولۇش، ھەر ئايدا كىرىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تەرەققىيات نەتىجىسىنى جايلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈنكى زور ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى كونكرېت كىچىك ئىشلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    بوران – چاپقۇن بۈركۈتنىڭ قانىتىنى سۇندۇرالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى كادىرلار دۇچ كېلىدىغان سىياسىي كۈرەش سىنىقى، ھەتتا ھايات – ماماتلىق سىناقلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، دائىم بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، بۇ بىزنى پولاتتەك تاۋلىنىدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەت ۋە پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىدىغان كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دۆلەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ساداقەتمەن قەلبى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشى، پۈتۈن كۈچى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى ئايىماسلىقى كېرەك!

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365742041